Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 133:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 133:3
22 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار بارلىق ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئامبارلىرىڭلارنى ئاشلىققا تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.


كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.


مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ.


بۇ ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىدىن سىريون تېغىغىچە، يەنى خەرمون تېغىغىچە سوزۇلاتتى.


بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.


دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى.


ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.


كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.


چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.


سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟


ۋە ئۇلار يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ.


ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،


ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.


ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر.


شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.


ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.


ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.


زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە، بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite