2 ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلاردىن ئانارلار ياساپ، پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئاستى.
مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى.
ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.
مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.
پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئېسىش ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن ئانارلار ياسالسۇن. ئانارلارنىڭ ئارىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان قوڭغۇراقلار ئېسىلسۇن.
ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن.