Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 133:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 133:1
20 Referans Kwoze  

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ.


بىر-بىرىڭلارغا ھەمىشە قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.


ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ماڭا ئىخلاسمەن بولسۇن دەپ، مەن ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈرىمەن. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر.


شۇڭا ئىبرام لۇتقا: _ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن.


ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى.


شۇ چاغدا بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ، يىلپىز بىلەن ئۆچكىچاق بىللە ياتىدۇ، مۇزاي بىلەن شىر بىللە ئوتلايدۇ، كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.


ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ، ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ،


شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»


پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.


«ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»، ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!


بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite