5 تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.
بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»
شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.
مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.
بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.
زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.
بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.
دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.
قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،
پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.
ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.
ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.
پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.
ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.
يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا، ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا.