Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 127:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 127:3
22 Referans Kwoze  

بالىلىرىڭلار بەختلىك، ئېتىزىڭلار ھوسۇللۇق بولىدۇ، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە باشقا چارۋا ماللىرىڭلار كۆپ بولىدۇ.


مەن پەرۋەردىگاردىن پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانىدىم، پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ماڭا بۇ بالىنى ئاتا قىلدى.


مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.


ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن ئەل قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدى، _ دېدى.


ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: _ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ: _ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.


خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»


پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»


ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.


پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا سىلەرنى روناق تاپقۇزىدۇ. ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ، ئېتىزىڭلارنى ھوسۇللۇق قىلىدۇ.


ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. قىزلىرىنى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق قىلدى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى.


ئالتىنچى ئوغلى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئام ئىدى. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر.


ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite