2 بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.
مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ.
ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.
ئۈمىدكە تولۇپ، ئۆزۈڭنى تەمكىن ھېس قىلىسەن، خۇدا ساقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلايسەن.
ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.
بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.
مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.
ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ.
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات.
بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.