1 «ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»، ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا، شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا.
ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا، ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.
نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.
ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا، ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا.
كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا، قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.
سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟
ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.
نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.
قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.
پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.
شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، مۇنداق مۇناجات ئېيتتى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.
پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.
ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا، تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا.
شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»
ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!
ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.
بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.
ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى، ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى.