9 پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا، ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا.
خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.
بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.
بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»
چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.
ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.
يەھۇدىي موردىكاي مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن تىرىشقانىدى.
«ئى خۇدايىم، بۇ ياخشى ئىشلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ئىبادەتخانا ئۈچۈن ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن قىلغان سادىق خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!»
مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلىمەن.