8 قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا».
دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.
ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.
مۇنداق دەڭلار: «سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە سىزگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن.