1 شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»
بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ، مۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز». پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!
نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.
نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.
كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا، قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.
ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا، تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا.
بىز سىرداش دوستلار ئىدۇق، مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەت ئارىسىدا بىللە يۈرگەنىدۇق.
شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»
قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.
ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.
پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.
ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.
سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.
«ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»، ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.
پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.
ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.
پادىشاھ ھېيت كۈنلىرى خەلق بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتخانىغا كىرسۇن ۋە خەلق بىلەن بىرگە چىقىپ كەتسۇن.