7 ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى، مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى.
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.
خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.
قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.
نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا، بۈگۈندىن تائەبەدكىچە ئالار سېنى ئۆز پاناھىغا.
قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.
پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!
مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن، مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن.
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.
ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.
قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.
«مەڭگۈ بار بولغۇچى»دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟! ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟
پاكلىقتۇر ئىخلاس قىلىش پەرۋەردىگارغا، ئىخلاسمەنلىك داۋاملىشار ئەبەدىيگە. بەرھەقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى، ئادىللىق سىڭگەندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە.
ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ، سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ.