Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 12:2
25 Referans Kwoze  

بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ. قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ، ئەمما قەلبىدە قىلتاق قويۇشنى ئويلايدۇ.


ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا، يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا. كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى، يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا.


ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.


ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا، يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا.


سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.


يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.


سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر.


ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ.


ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، گويا پۇتىغا قاپقان قۇرغان كەبى.


پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى، ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى.


ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى، ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.


سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.


ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا، زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ، يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى، تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.


زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى، ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى.


تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.


لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا: «يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.»


ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار، بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟


شۇڭا ئۇلارغا: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان، تەنبىھنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلقتۇرسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلاردىن ھەقىقەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاغزىڭلاردىن ھەق سۆز چىقمايدۇ.


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite