1 قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار، قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.
ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.
رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇيدۇ.
قارىسام، ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى، بەكلا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى. شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم، قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى.
ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.
ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار، بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟
خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىدىن ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى.
شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسىز! - دېدى.
ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.
ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى، قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى.
ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى.
ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق لىرا چېلىشقا تەيىنلەندى.
ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.
لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا: - رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! - دەپ ۋارقىرىدى.
ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.