92 شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن، ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.
كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت، ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت.
رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.
پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.
يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا.
سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.
ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا، يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا.