88 روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە، بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە.
توغرا يولغا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن باشلار، ئەھدىسى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگار.
نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.
قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.
نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى.
ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى، چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى.
بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.
پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە، قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا. «بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا.
ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»
مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.
مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.