85 تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار، ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار.
قوزغار يامانلىقنى ئۆكتەم كىشى، ئوخشار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئۇنىڭ زۇۋانى.
ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا، ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا.
ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.
شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار، سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار، ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار.
كىم كولىسا باشقىلار ئۈچۈن ئورا، يىقىلىپ چۈشەر ئۆزى ئۇنىڭغا.
دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار، قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر.
بۇلاڭچىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تالان-تاراج قىلىشقا ئەۋەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن نالە-پەريادلار ئاڭلانسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورەك كولىدى، تۇزاق قۇردى.