Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 119:81 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

81 زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 119:81
15 Referans Kwoze  

سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.


نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.


تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.


ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.


باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.


رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.


مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا، چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا.


شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا، چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا.


يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.


ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، شۇنداق، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، قەلبىم تەشنالىققا تولغاندۇر.


ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى.


بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى، باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى.


كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite