Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 119:73 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

73 قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 119:73
17 Referans Kwoze  

ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى، مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.


مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟ ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟


بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ.


ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.


دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.


لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى ئىنساندىكى روھتۇر، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.


بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.


تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ.


پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا، ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا.


ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. پادىشاھ ئۇ داۋۇتنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.


پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.


سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن.


سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite