7 مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى، ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى.
لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.
ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.
پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.
ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.
قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.
ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.
مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.
مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.