51 مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دائىم تەكەببۇرلار، لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار،
مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.
ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى ئالدىدىڭ، مەن سېنىڭ ئالدىشىڭغا يول قويدۇم. سەن مەندىن ئۈستۈن كېلىپ، مېنى يەڭدىڭ. ئادەملەر كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم مېنى مازاق قىلىدۇ.
بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار.
سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى، خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى. گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز، چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز.
خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: - ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! - دېيىشتى.
ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»
«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا.
پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى.
ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى، ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى.