3 ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا، ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا.
خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.
خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ.
ئەگەر ئۇلار خۇداغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسا، بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
لېكىن مەن ئۇلارغا: ‹ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر ھەم مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن باشلىغان يولدا ماڭساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ› دەپ بۇيرۇغانىدىم.
نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.