168 بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا، بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدىدۇر ئىنساننىڭ قىلغانلىرى، كۆزىتىپ تۇرىدۇ ئۇ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى.
كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى، ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار، شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار.
خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.