Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 119:163 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

163 يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن، سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 119:163
13 Referans Kwoze  

ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.


مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.


يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.


ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.


پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز.


مەندىن يىراق قىلغايسەن ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى، قىلمىغايسەن گاداي ياكى بايمۇ مېنى، ئېھتىياجىمغا لايىق بەرگەيسەن رىزقىمنى.


ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى، بىراق، سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.


ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر، يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر.


ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن، ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن.


دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن، نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن.


يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر ھەققانىيلار، ئۇياتسىزلىق قىلىپ شەرمەندە بولار يامانلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite