16 سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.
پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.
ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن، ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن.
خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.
ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.
خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ، قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ.
ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.
ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.
رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.
بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.
پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.
ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.
ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.
گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى، ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.
كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت، ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت.
نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى، ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.
نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.
ئادالەت بەجا كەلتۈرۈلگەندە ھەققانىيلار خۇشال بولار، يامانلىق قىلغۇچىلار بولسا ۋەھىمىدە قالار.
ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،