154 دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى، ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى.
بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە، بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز. ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز.
لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق، بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.
پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارسۇن. پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزسۇن!
ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن.
نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.
قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.
ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن. مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن. مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.
چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.
ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.
ئەگەر مەن بولغان بولسام، خۇدانى ئىزدەپ، ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتىم.
داۋۇتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سائۇل: _ ئوغلۇم داۋۇت، بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى ۋە قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.
ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى، خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى.