148 كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە، ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە.
بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا.
پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە.
چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.