146 ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى، چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى، چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى.
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.
مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.