141 خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ، قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ.
ئەمما، مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى، ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى ئۇنىڭغا.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.
مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن، ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن.
مول بايلىقى بىلەن تەشۋىشتە ئۆتكەندىن، ئەۋزەلدۇر ئاز دۇنيا بىلەن ئەيمىنىپ ئۆتكەن پەرۋەردىگاردىن.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.
بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.
ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.
دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ھىيلە-مىكىر بىلەن سۆزلەيدىغان ئەخمەقتىن ياخشى.
ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.
سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.