Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 119:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 119:12
17 Referans Kwoze  

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ،


سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى.


پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.


لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.


ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.


مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى، بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمەس، ئادەم يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان خۇدا ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا مەسىھنى قايتا ئەۋەتىدۇ. بارلىق ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.


ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا، چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا.


مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.


نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى.


پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى، ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى.


جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite