Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 119:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا، ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 119:10
25 Referans Kwoze  

قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.


بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.


ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.


پۈتۈن خەلق بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا نامايان بولۇپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلدى.


زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.


ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.


ئەقىل-ئىدراك يولىدىن چىققۇچى، بولار ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.


نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار، بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار.


ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى، ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى.


ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا ھەممە ئىشتا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار.


شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،


ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.


خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە، شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە.


ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.


سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.


بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر.


ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.


تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا.


چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى، كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى.


مېنىڭ قويلىرىم ھەممە تاغ ۋە ئېگىزلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى ئىزدىمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite