4 «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.
ئەي ئىخلاسمەنلەر پەرۋەردىگارغا، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار، ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»
بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.
ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.
شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.