Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 118:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 118:17
13 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: - بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، - دېدى.


شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.


چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە، كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە.


ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟


ئەۋلادلاردىن-ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ، تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ.


سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.


يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.


ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.


يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»


بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى، جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite