Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 118:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 118:12
18 Referans Kwoze  

تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى تۇرغىلى كېلىپسەن، لېكىن مەن سەن ھاقارەتلەۋاتقان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى تۇرغىلى كەلدىم.


ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.


نادانلارنىڭ كۈلكىسى خۇددى قازاننىڭ ئاستىدا قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان تىكەنگە ئوخشايدۇ، كۆيۈۋاتقان تىكەن ئاۋاز چىقىرىدۇ خالاس، بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.


كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا، ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا.


تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى، ئى خۇدا، يوقۇتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى.


ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار.


ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.


سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.


مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،


خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite