Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 114:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يەھۇدا نەسلىنى ماكان قىلدى خۇدا، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىلكىدىكى خەلق ئىدى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 114:2
14 Referans Kwoze  

ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.


باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرگەيسەن. سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ، مۇقەددەس تۇرالغۇڭنى ئۇ يەردە سالغايسەن.


سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر.


مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىسرائىللار، جىم تۇرۇڭلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ خەلقى بولدۇڭلار.


چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار.


مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.


تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ،


_ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن بەختلەرنى تىلەش ئۈچۈن گىرىزىم تېغىدا تۇرسۇن.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite