4 ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن، شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن.
ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.
ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.
بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن.
يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.
مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر، سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟
پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.
قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ. پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.
ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟