7 قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.
ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا، شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا.
بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ.
قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.
ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما، پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا، قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا.
ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.
شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: _ ئالىيلىرى، بىزنىڭ بۇ ئىشتا ئالدىلىرىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار، ئىشىنىمەنكى خۇدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.
لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.
لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.
شۇندىلا سەن خىجالەتسىز ھالدا يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن، مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايسەن، ھېچبىر قورقۇنچ بولمايدۇ.
مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.