Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 112:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 112:5
22 Referans Kwoze  

قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار.


سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن، چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن.


مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.


ھەممەيلەن يەپ تويغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ئېشىپ قالغىنىنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، - دېدى.


قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار.


دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن.


يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى.


ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.


قول بېرىپ ئەقىلسىز كىشى كېپىل بولار ئۆزگىگە.


ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولار، بەتنىيەت ئادەمنى پەرۋەردىگار جازاغا ھۆكۈم قىلار.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.


ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى، ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى، قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى.


كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا، قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا.


شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite