3 ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار.
ئۆيىدە مول بايلىق بولار ھەققانىينىڭ، بالا-قازا ئېلىپ كېلەر تاپقىنى ياماننىڭ.
باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا، بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.
سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.
قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.
دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر.
چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»
ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.
چېدىرىڭنىڭ ئامان-ئېسەن بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن، ساناپ كۆرسەڭ قورۇقۇڭدىكى قويلار كەم چىقمايدۇ.
ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.
كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.
ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر، ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار.