Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 110:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 110:6
22 Referans Kwoze  

بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى، چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى.


شۇنداقلا، ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، بەلكى ئوغلى تارتىدۇ. چۈنكى، سوراققا تارتىشنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر.


ئۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يېقىن-يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ.


ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.


شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.


ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»


ھەم كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە! سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. سېلاھ


سەن ۋە سېنىڭ قوشۇنۇڭ ھەمدە ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن خەلقلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا ھالاك بولىدۇ. جەسىتىڭلار قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»


مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن. دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


ئۇ، پەرۋەردىگارغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىدىن شادلىنىدۇ، ئۇ، كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاساسەن قارار چىقارمايدۇ.


پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن، ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite