Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 11:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 11:6
25 Referans Kwoze  

ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.


پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى،


شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: ‹نەپرىتىم بىلەن بوران چىقىرىمەن، غەزىپىم بىلەن يامغۇر، قەھرىم بىلەن مۆلدۈر ياغدۇرىمەن.


لېكىن، لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.


چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.


ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ، ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ.


ئۇلارنىڭ چېدىرى گۈڭگۈرت چېچىپ تازىلانغاندىن كېيىن، باشقىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ چېدىرىدا ئولتۇرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى.


سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى، مىسىرنى چاقماق ئۇردى.


ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.


پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.


ئىگەڭلار پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم، ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر.


كېيىن ئاشپەزگە: _ مەن ساڭا ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.


ئەلقانا ھەر قېتىم قۇربانلىق قىلغاندا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پىنىنناغا ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرەتتى،


تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.


ئۇنىڭ ئۈچۈن توپا ئاستىغا قاپقان كۆمۈلگەن بولۇپ، يولدا ئۇنى قىلتاق كۈتۈپ تۇرىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.


دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.


بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلار، مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم. چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھىڭلارغا چوقۇندۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite