Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 11:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 11:1
21 Referans Kwoze  

ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.


ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.


داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇردى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى.


دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.


ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك، ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك.


ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.


سىز دۇچ كەلگەن كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن چوڭ قوشۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەددى-ھېسابسىز جەڭ ھارۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى.


ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»


سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.


ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، تاپىمەن پاناھ سەندىن، خالاس قىلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغايسەن مېنى قوغلاپ يۈرگەنلەردىن.


ئاسا پەرۋەردىگار خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.


تېز يۈگۈر، توختاپ قالما، _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى.


ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.


داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا: _ خۇدانىڭ ماڭا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.


سائۇل داۋۇتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتتى. چۈنكى داۋۇتنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىدى. ئايالى مىكال داۋۇتقا: _ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى.


مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە، جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.


بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.


ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ ‹بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز› دېيەلەيسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite