25 دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا.
ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، سەن ھاقارەت قىلىنغان چاغلاردا، ئۆزۈم ھاقارەت قىلىنغاندەك بولدۇم.»
شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى.
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟
مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.
ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم، بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم.
«پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى، قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى. ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن، قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!»