Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 109:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ھاقارەت قىلماقتا رەزىللەر ماڭا، يالغانچى تىلىدا چاپلاپ قارا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 109:2
16 Referans Kwoze  

ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە. تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن، يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ


ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ، بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.


ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز، يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول،


ئۇلارغا سېتىلغان ساختا گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ: - بۇ ئادەم ھەمىشە بۇ مۇقەددەس مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا ۋە تەۋرات قانۇنىمىزغا قارشى سۆزلەرنى قىلىدۇ.


راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.


ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ.


ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.


ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە: _ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللاپ، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باراي.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.


ھەققانىي ئادەم ئۆزىنى دەڭسەپ سۆزلەر، يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.


زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ


مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite