11 تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى، بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى.
نادانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگەتتى، ھەتتا تىكەنلەر ئارىسىدا ئۆسكەنلىرىمۇ قالمىدى، بايلىقلىرىنى ئاچكۆزلەر يۇتۇۋەتتى.
ئۇ تاپقان پۇلىدىن پايدىلىنالماي قايتۇرۇپ، تۆلەمگە بېرىدۇ، سودا-سېتىق قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.