3 ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا، جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى، ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.
ئۇ ئەرشتە ئۆي سېلىپ، ئۇلىنى زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ دېڭىز سۈيىنى زېمىنغا يامغۇر قىلىپ ياغدۇرىدۇ! «ياھۋەھ» ئۇنىڭ نامىدۇر.
بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر، ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ. ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.
پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ، تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.
مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
«ئەي ئىسرائىللار، خۇداغا ئوخشايدىغان بىرمۇ زات يوقتۇر، ئۇ بۇلۇتلارنى مىنىپ، سىلەرگە ياردەمگە كېلىدۇ، ئاسماندا ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدۇ.