9-10 سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا، كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا. كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى، بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.
كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.
قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.
ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
بۇنى گات شەھىرىگە بىلدۈرمەڭلار. پەقەت يىغلىماڭلار، بەيت-لىئافرادا قايغۇدىن توپىدا ئېغىناڭلار.
ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.
ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.
ئاش يېيىشنىڭ ئورنىغا ئۇھ تارتىمەن، پەريادلىرىم سۇدەك ئاقماقتا.
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.