7 مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن، ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن.
سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم، كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم.
يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.
سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.
ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى، ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.
مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى، ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم.