6 مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن، ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن.
ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ. خارابىلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ، دېرىزىلەردە ھۇۋلىشىدۇ. قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›
پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.
شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن. يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن.
ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، قارونا، تازقارا،
مەن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم، ئۆلۈم بىلەن مەن ئوتتۇرامدا پەقەت قىلدەك ئارىلىق قالدى.