Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 102:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 102:28
14 Referans Kwoze  

مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ


بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.


ئەجەبا كۈنلىرىڭ چەكلىك، ئۆمرۈڭ ئادەملەرنىڭكىدەك قىسقىمىدۇ؟


كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟ بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار! تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن!


مەن مەڭگۈلۈك خۇدا. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھېچكىم مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى بىكار قىلالمايدۇ.»


«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite