27 لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار، پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار.
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.
«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»
بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.
خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنى سانىغىلى بولمايدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.